kababكاۋاپلار





بېلىق كاۋىپى

[خۇرۇچى] ئالتاي ياكى قارا شەھەر بېلىقى ئالتە تال، زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئىككى يېرىم كىلوگىرام، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق، سوققان كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، تۇز ئازراق.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1.بېلىقنىڭ قاسرىقىنى قىرىپ، قاناتلىرىنى قىرقىپ، ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىپ، سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇلىدۇ.
2. بېلىقنى زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ، تۇز، كاۋاۋىچىن، چانالغان غولپىياز، سامساقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت قويغاندىن كېيىن، قۇرۇق پۇرچاق ئۇنىغا مىلەپ، دوخۇپكىنىڭ لېسىغا تىزىپ پىشۇرۇلىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] چۈرۈك، قىلتىرىقلىرىمۇ ئۇۋىلىپ تۇرىدۇ، يېيىشلىك، بېلىقنىڭ پۇرىقى يوق.
ئاخىرى بار

---------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
قورۇما كاۋاپ

[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى 280 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، تۇخۇم بىر دانە، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز ئىككى باش، سوققان قىزىلمۇچ ئازراق، ئەبجەش ياغ 500 گىرام (خورايدىغىنى 70 گىرام)

[قورۇش ئۇسۇلى] 1. قوينىڭ لوق گۆشىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغرايمىز. پىيازنى ئۇششاق چانايمىز. توغرالغان گۆشكە چىلان؟غان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، تۇخۇملار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
2. قازان؟غا ياغ قۇيۇپ 6-7 دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ، بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرماي ئالتۇن سېرىق رەڭدە داغلىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئالىمىز.
3. ياغ يۇقى قازاننى ئېسىپ، پىياز، قىزىلمۇچ سېلىپ تېز-تېز قورۇپلا گۆشنى سېلىپ يەنە قورۇپ، ئاندىن زىرىنى سېپىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسە ياكى نان؟غا ئېلىنىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] رەڭگى سېرىق، پارقىراق، گۆشى يۇمشاق، تەمى خۇددى زىخ كاۋىپىنىڭ تەمىگە ئوخشايدۇ، زىرە تەمى كۈچلۈك بولىدۇ.

----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

زىخ كاۋاپ

[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگىرام، زىرە مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 250 گىرام، پىياز ئۈچ باش، تۇخۇم تۆت دانە، سوققان قىزىلمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. ياغ بىلەن گۆشنى بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا، يېرىم سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇششاق چانالغان پىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تۆمۈر زىخقا تۆت تال گۆش، بىر تال ياغ ئۆتكۈزۈلسە (500 گىرام گۆش 10 زىخقا ئۆتكۈزۈلسە مۇۋاپىق) بولىدۇ.

2. كاۋاپدان؟غا ئىسى يوق كۆمۈر قالاپ، كۆمۈر كۆيۈپ بولغاندا، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدان؟غا تىزىپ، ئۈستىگە يۇمشاق تۇز سېپىپ ئىككى مىنۇت قويۇپ، ئاندىن يەنە تۇز، سوققان قىزىلمۇچ سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ، كاۋاپ پىشاي دېگەندە، ھەر ئىككى تەرەپكە تۇز، قىزىلمۇچ تالقىنى سېپىلىدۇ.

------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

شىرى كاۋاپ

[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگىرام، تۇخۇم بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سۇ 500 گىرام، سوققان قىزىلمۇچ ئازراق.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆش زىخ كاۋاپنىڭكىدەك توغرىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق تۇز سېلىپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر تال زىخقا بەش تال گۆش ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2. قالغان تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇن، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيۇق شىرە ياسىلىدۇ. ئاندىن زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدان؟غا قويۇشتىن بۇرۇن تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ كاۋاپدان؟غا قويۇپ، خۇددى زىخ كاۋىپىنى پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ.

دىققەت: (ئا) دورا-دەرمەكلەرنىڭ سېلىنىشى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. زىرە كاۋاپ پىشاي دېگەندە سېپىلسە مۇۋاپىق؛ (ب) بۇ كاۋاپنىڭ گۆشى شىرىگە چىلان؟غاچقا، ئوتنى ئىتتىكلەتمەي پىشۇرۇش كېرەك. ئوت ئىتتىك بولسا، تېشى پىشىپ، ئىچى خام قالىدۇ. () ئاق ئۇن ئورنىغا قوناق ئۇنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] گۆشنىڭ تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، تەملىك ۋە قۇۋۋەتلىك بولىدۇ.

------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

تاۋا كاۋاپ

[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگىرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز 70 گىرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان قىزىلمۇچ مۇۋاپىق، شاكال بەدىيان بەش تال.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆشنى سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا، بارماقچىلىك نېپىزلىكتە توغرايمىز. ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچلارنى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، شۇ پېتىچە 15؟20 مىنۇت تۇرغۇزۇلىدۇ.

2. تاۋىنى (قازاننى) ياخشى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، گۆشنى ئۇن؟غا مىلەپ تاۋىغا تىزىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

3. پىشقان كاۋاپقا ئازراق شورپا قۇيۇپ ئۇنىڭغا قارىمۇچ، شاكال بەدىيان سېلىپ 40 مىنۇت دۈملىنىدۇ.


1 comments:

Anjurshop said...

bak ohshigan kawablar ekan!!! kop rehmat sizga.