سۆڭەك شورپىسى تەييارلاش




سۆڭەك شورپىسى تەييارلاش

پايدىلىق تەرەپلىرى: قېرىشنى كېچىكتۈرۈش،كالىتسىي تۇلۇقلاش
ئادەم سۆڭىكىدىكى مۇھىم نەرسە يىلىك بولۇپ،قىزىل،ئاق ھۈجەيرىلەر مۇشۇ يىلىكتە شەكىللىنىدۇ.ياشنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ يىلىكنىڭ بۇ خىل ھۈجەيرە ياساش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ،ئۇستىخان شورپىسدا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك مۇشۇ ھۈجەيرىلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىپلەر بار.شۇڭلاشقا ياشانغانلار،ئۆسمۈرلەر،ھامىلدار ئاياللار سۆڭەك)ئۇستىخان( شورپىسىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە پايدىلىق.
كېتەرلىك ماتىرىياللار:
5\1 نىسبەت)يەنى بىر كىلو سۆڭەككە بەش كىلو سۇقۇيىمىز.( بويىچە سۆڭەك ۋە سۇ تەييارلايمىز.ئاندىن يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ،تۇز تەييارلايمىز.

تەييارلاش ئۇسۇلى:
سۆڭەكنى قايناقسۇغا 3 مىنۇتچە بېسىپ قانسىرىتىمىز،ئاندىن قازانغا سۇنى)چوقۇم سوغۇق سۇ ئىشلىتىش كېرەك،قايناقسۇ بولمايدۇ.(قۇيۇپ قانسىرىتىپ بولغان سۆڭەكنى سالىمىز،ئاۋال كۈچلۈك ئوتتا قاينىتپ بولغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىمىز،يېرىم سائەتتىن كېيىن ئازىراق ئاچچىقسۇ قۇيىمىز)سۆڭەك تەركىبىدىكى كالىتسنىڭ تەكشى تارقىلىشىغا پايدىسى بار( ئاندىن پەس ئوتتا 3 سائەتتىن 4 سائەتكىچە قاينىتىمىز.

ئەسكەرتىش: سورپىنى قاينىتىشتىن بۇرۇن سۆڭەكنى ئۇششاق پارچىلاپ يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە شورپا تەييارلىغاندىن كېيىن چويلا بىلەن سۆڭەكلەرنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كۆكتاتلاردىن سېلىپ شورپا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

0 comments: