ئائىلىدە شەربەت ياساش



ئائىلىدە شەربەت ياساش

شەربەت ياساش ئۇسۇلى توغرىسىدا
   شەربەتلەر ئادەتتە ھەسەل ياكى شېكەر سۈيىدە قاينىتىپ ياسىلىدۇ.شەربەت ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇجلار قۇرۇق مىۋە،
قۇرۇق گۈل-گىياھلار بولسا ،ئادەتتە 7-6 ھەسسە سۇ،2-3 ھەسسە ھەسەل ياكى سېكەر قوشلىدۇ،)مېنىڭ تەكلىۋىم ئەڭ ياخشىسى
ھەسەل قوشۇڭ(،ئەگەر خۇرۇجى يېڭى ھۆل مىۋىلەر بولسا،قوشۇلىدىغان سۇ مىقدارى 3-4 ھەسسە بولسا بولىدۇ.
   شەربەتلەرنىڭ تەركىبىگە قوشۇلىدىغان يەككە دورىلار يىلتىزلار بولسا يۇمشاق سوقىلىدۇ؛ئۇرۇقلار يىرىك سوقۇلىدۇ؛مىۋە،گۈل،يوپۇرماقلار
سوقۇلمايدۇ.شەربەتلەر تەركىبىگە سېرىقئوت،تەمرى ھىندى،خىيار شەنبەردەك دورىلار قوشۇلىدىغان بولسا،بۇ خىل دورىلار قاينىتىلمايدۇ،
ئۇ،قاينىتىلغان دورىلار بىلەن بىرگە سۈزىۋىلىنىدۇ.بولمىسا دورىلارنىڭ كۈچى كېتىدۇ ياكى تەبىئىتى ئۆزگىرىپ،ئەسلى خۇسۇسىيىتىنى
يوقىتىدۇ.
    دورىلارنىڭ تەركىبىدە يىلتىزلار،ئۇرۇقلار،مېغىزلار كۆپ بولسا،بۇلارنى قاينىتىشتىن ئاۋال،قائىدە بويىچە سوقۇپ،ئۇنىڭغا ئىككى
بارماق ئېگىزلىكىدە قايناق سۇ قۇيۇپ 8 سائەتتىن 24 سائەتكىچە ھەتتا 3 سوتكىغىچە چىلاپ قويۇپ،يۇمشاق ھالەتكە كەلگەندىن
كىيىن،ئاندىن ئايتا چىلاش كېرەك.قايناتمىلار قوشۇلغان ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 3ئ1 قىسمى قالغۇچە قاينىتىلىدۇ.شېكەر،قەنىت
ھەسەل،ناۋات،تەرەنجىۋىل قاتارلىق ماتىرىياللار ئادەتتە دورىلار قاينىتىلىپ تىرىپلىرى سۈزىۋىتىلگەندىن كىيىن قوشۇپ بىر قاينىتىپلا
ئېلىنىدۇ.
    قاينىتىلمايدىغان كاشكاپقا قوشىدىغان يەككە دورىلارنىڭ بەزىلىرىنى سوقۇپ ،بەزىلىرىنى ئۆزپىتى قايناق سۇغا چىلاپ تەمى
چىققاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.
    قايناتمىغان بەزى ئۇرۇق-دورىلارنىڭ قىزىق سۇغا چىلاپ ئېرىتىپ ئېلىنغان شىرنىسى قوشۇلىدۇ.بۇ خىل شىرنىلەر ۋە دورىلار
ئاشقازان،ئۈچەيلەرنىڭ تىۋىتى چۈشۈپ كەتكەن يۈزىنى قوغداش،يېپىشتۇرۇش،ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنى تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯪﺩﻩﺗﺘﻪ ﯰﺯﺍﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎ،ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ،ﯰﻧﻰ ﯰﺯﺍﻗﺮﺍﻕ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ،ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻟﯧﻤﯘﻥ ﻗﻮﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﯘﺭﯗﺝ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺗﯩﻠﯩﺪﯗ

ﯪﻧﺎﺭ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ
[ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ]ﺳﻮﻏﯘﻕ
[ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ] ﻗﺎﻥ ﺳﻪﭘﺮﺍﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ،ﯰﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ،ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺪﯗ،ﯸﻐﯩﺰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ،ﯪﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ،ﻛﯚﯕﯜﻝ ﯸﻠﯩﺸﯩﺶ،ﻗﯘﺳﯘﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ.ﺯﻩﻫﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ،ﻣﯧﯖﻪ،ﻳﯜﺭﻩﻙ،ﯲﭘﻜﻪ،ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ،ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
[ﺧﯘﺭﯗﺟﻰ]ﯪﭼﭽﯩﻖ،ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﯪﻧﺎﺭ ﺳﯜﻳﻰ 750 ﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ 1.5 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﻐﯩﭽﻪ،ﻗﻪﻧﺖ 1-1.5 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﻐﯩﭽﻪ.
[ﻳﺎﺳﺎﺵ ﯰﺳﯘﻟﻰ]ﯪﻧﺎﺭ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ،ﻗﻪﻧﯩﺘﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﯰﻧﻰ ﻗﺎﭼﯩﻐﺎ ﯸﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻳﻤﯩﺰ.

0 comments: