قوناق ئۇنى تورتى



قوناق ئۇنى تورتى

[خۇرۇجلار]
بىر يېرىم پىيالە ئۇن،يېرىم پىيالە قوناق ئۇنى ،ئىككى بال قوشۇق خېمىر تۇرۇچ پاراشوكى ،بىر بال قوشۇق سودا،يېرىم بال قوشۇق
تۇز،بىر يېرىم پىيالە شېكەر،ئىككى دانە تۇخۇم،يېرىم پىيالە چۈچۈتۈلگەن ئاپتەپپەرەس يېغى،تۆت ئاش قوشۇق سۇ.
كىرىم تەييارلاش ئۈچۈن:125 گرام مارگىرىن،ئىككى ئاش قوشۇق ئۇن،بىر يېرىم پىيالە سۈت،ئىككى دانە تۇخۇم،بەش ئاش قوشۇق شېكەر.
[پىشۇرۇش ئۇسۇلى]
1.ئۇن،قوناق ئۇنى،خېمىر تۇرۇچ پاراشوكى،سودا ،تۇز ۋە شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.ئايرىم بىر قاچىدا سۇ يېغىغا سۇ ۋە تۇخۇملارنىڭ
سېرىقى قوشۇلۇپ چوكا بىلەن چېلىنىدۇ ۋە ئاز-ئازدىن تۆكۈلۈپ،ئۇنلۇق خۇرۇجلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.تۇخۇم ئېقى ئايرىم بىر قاچىدا
كۆپتۈرۈلۈپ قار شەكلىگە كەلگەندە ئۇمۇ ئارىلاشما ئىچىگە ئاز-ئازدىن تۆكىلىدۇ ۋە تەكرار ئارىلاشتۇرۇلۇپ،ياغلانغان قېلىپقا قۇيۇلىدۇ.
2.قىزىتىپ قويۇلغان دوخۇپكىغا سېلىنىپ،تورتنىڭ يۈزى قىزارغىچە پىشۇرىلىپ،سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن قېلىپتىن چىقىرىلىدۇ،بىر كورىغا
شېكەر،ئاق ئۇن ،تۇخۇم ۋە سۈت قۇيۇلۇپ،ياخشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ ۋە قايناشقا باشلىغاندا ئوت سۇسلاشتۇرۇلىدۇ.
3.كىرىم قويۇق قىيام ھالىتىگە كەلگۈچە پىشۇرۇلۇپ،سوۋۇغاندا مارگىرىن ئارىلاشتۇرۇلۇپ تۇخۇم كۆپتۈرۈش ماشىىسىدا كۆپتۈرىلىدۇ.
ئوتتۇرىدىن ئىككى قات قىلىپ كېسىلگەن تورتنىڭ ئارىسىغا ۋە يۈزىگە كىرىم سۈرىلىدۇ.
4.كىرىم سىققۇچ ئىچىگە تولدۇرۇلغان كىرىم بىلەن تورتنىڭ ئۈستى خالىغان نۇسخىدا بېزىلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى:
قاردەك ئاپئاق،شەكلى يۇمىلاق،تەمى مەززىلىك ،يېيىشلىك بولۇپ،قوناق ئارىلاش بۇ تورت قان تەركىبىدە ماي ماددىسى ئارتىپ
كەتكەنلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان تاتلىق -تۈرۈملەردىن ھېساپلىنىدۇ

0 comments: