توخۇ گۆشى قوردىقى Chiken dish




توخۇ گۆشى قوردىقى 

 

[خۇرۇچى] توخۇ بىر دانە، دارچىن ئازراق، سۇ يېغى 250 گىرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، قۇرۇتۇلغان ئۇچلۇق قىزىلمۇچ بىر سىقىم، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، پىياز بىر باش، شېكەر مۇۋاپىق، سامساق بىر باش، جاڭيۇ ئازراق، زەنجىۋىل كىچىك بىر باش، تېتىتقۇ مۇۋاپىق مىقتاردا.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1.توخۇ گۆشىنى ئۆرۈكتەك چوڭلۇقتا، ياڭيۇ ھەم ئوخشاش چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ.

2.ساپلىققا (قازان؟غا) 75؟105 گىرام ياغ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق شېكەر سېلىپ، شېكەر رېڭى تەييارلاپ ئۇنىڭغا توغرالغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ تېز ئوتتا قورۇيمىز.

گۆش ئاساسەن پىشقاندا رەڭگى قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىزىلمۇچ، ياڭيۇ، توغرالغان پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، دارچىنلارنى سېلىپ قورۇپ، ياڭيۇ پىشقاندا جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، تەخسىگە ياكى لىگەن؟گە ئۇسىمىز.

3.لەغمەن خېمىرىنى بارماقتەك كەڭلىكتە سوزۇپ قايناقسۇدا پىشۇرۇپ، توخۇ قوردىقى بىلەن بىللە داستىخان؟غا كەلتۈرىمىز. ھەر كىم ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ. ئاق بەتتە (گاڭپەن)، ھورنان (موما) بىلەن ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] رەڭگى قىزىل، پارقىراق، گۆشى يۇمشاق، تەمى ئاچچىقراق، يېيىشلىك.

0 comments: