سوغۇق سەيلەر تىزىملىكى



سوغۇق سەيلەر تىزىملىكى


 

ئاچچىق تەرخەمەك
[خۇرۇجى]
يۇمران تەرخەمەك 500 گرام،قۇرۇق لازا 4 گرام،قىچا مېيى 30 گرام،تۇز 8 گرام،قارىمۇچ 8 تال،قىزىلگۈل مۇۋاپىق مىقداردا
[تەييلارلاش ئۇسۇلى]
1.تەرخەمەكنى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن چىمچىلاق بارماق ئۇزۇنلىقىدا ۋە چوكا توملۇقىدا قەلەمچە قىلىپ ،15 مىنۇت تۇزغا
چىلايمىز.
2.تۇزدىن سۈزىۋىلىپ سۈيى سارغىۋىتىلگەندىن كېيىن قىزىلگۈل ئۇۋۋىقىنى سېپىپ تەخسىگە تىزىمىز.
3.ياغ چۈچىگەندىن كېيىن قارىمۇچ بىلەن لازىنى سېلىپ سۇس ئوتتا قورۇيمىز.ئاندىن لازا بىلەن قارىمۇچىنى سۈزىۋىلىپ
ياغنى تەرخەمەك قەلەمچىسى ئۈستىگە قۇيىمىز.

0 comments: