بولاق ياپما



بولاق ياپما

[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، گۆش بىر كىلوگىرام، زەنجىۋىل ئازراق، ياغ 70 گىرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سەۋزە 750 گىرام، خېمىرتۇرۇچ 70 گىرام، غولپىياز ئىككى تال، شۇلتا ئازراق.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. ئۇنغا تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ 1--1.5 سائەت بولدۇرىمىز.

2.گۆشنى 35 گىرام چوڭلۇقتا، سەۋزە، ياڭيۇلارنى چاقماق قەنت شەكلىدە، غولپىياز ئات قۇلىقى شەكلىدە توغرىلىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، سەۋزە، ياڭيۇنى سېلىپ يەنە قورۇپ، سوققان كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، تۇز تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، خۇرۇچلار چىلاشقۇدەك قايناقسۇ قۇيۇپ، سىم-سىم قاينىتىپ، ئېزىلدۈرمەي پىشۇرۇپ شورپا تەييارلايمىز.

4. بولدۇرۇلغان خېمىرغا شۇلتا بېرىپ ياخشى ئىشلەپ، خېمىرنى نېپىز يېيىپ تۇۋاقتەك قىلىپ، قازاندا قايناۋاتقان خۇرۇچلارنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت شورپا قۇيۇپ ھەر بىر قەۋەت خېمىرنىڭ ئارىلىقىغا شورپا قۇيۇپ 30 مىنۇت يېپىپ، دۈملەپ پىشۇرىمىز. پىشقان ياپمىنى لىگەن؟گە ئېلىپ، قوردىقىنى تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز.

--------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

0 comments: