qoruma chop قورۇما چۆپ





قورۇما چۆپ ئادەتتە خېمىرنىڭ شەكلىگە قاراپ ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى پىلتە لەڭمەنگە ئوخشاش خېمىرىنى پىشۇرۇپ ئاندىن كەسىپ كۆكتات ۋە گۆش بىلەن قورىلىدۇ، يانا بىرسى خېمىرنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئېتىلگەن سۇيقاشقا ئوخشاش خېمىرنى قولدا ئۈزۈپ قازانغا سەلىپ پىشۇرۇپ ئاندىن كۆكتات ۋە گوش بىلەن قورىلىدۇ. تۆۋەندە خېمىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ پىشۇرۇلىدىغان قورۇما چۆپ نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ماتېرىيال (4 كىشىلىك)
ئۇن 500 گىرام( لەڭمەننىڭ ئۇنىغا ئوخشاش ئۇننى ئىشلىتىش كېرەك) گوش كالىنىڭ ياكى قوينىڭ لوق گۆشى 200گىرام، بائى كائى 150گىرام، ئىككى تال كىچىكرەك كۆك مۇچ ياكى قىزىل مۇچ، ئىككى تال شوخلا، پىياز بىر باش ياكى سۇڭ پىياز بىر تال، زەنجىۋىل(شەڭ جىئاڭ) 10 گىرام، سامساق 10 گىرام، كاۋاۋىچىن ( ھۇئا جىئائو) 5 گىرام، جىئاڭيوئۇ 5 گىرام، كراخمال 5 گىرام، سىركا 5 گىرام، مۇۋاپىق تۇز ۋە سۇ مەيى 200 گرام.

خېمىرنى تەييارلاش:
ئۇنغا بىر قوشۇق تۇز سەلىپ سۇغۇق سۇدا لەڭمەننىڭ خېمىرىغا ئوخشاش يۇغۇرىمىز، سەل تىنغاندىن كېيىن، ئاش تاختايغا قېلىنلىقى 1كم قىلىپ قولدا يېيىپ ئاستى ئۇستىنى مايلاپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە تىندۇرىمىز، پىچاقتا بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتىن كېسىپ قولدا بېسىپ كەڭلىگى 2-2.5 كم كەڭلىكتە قىلىپ،خېمىرنىڭ ئىككى بەشىدىن تۇتۇپ ئاش تاختايغا ئوتتىرىسىنى ئۇرۇپ سوزۇپ، قايناۋاتقان قازانغا باش بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلىقتا ئۈزۈپ قازانغا تاشلاپ، 5 مىنوت قاينىتىپ چويلىدا سۈزۈپ ئالىمىز.

كۆكتات ۋە گۆشلەرنى تەييارلاش:
گۆشنى نىپىز ياپىلاق قىلىپ توغرايمىز، بائى كائى ،كۆكمۇچ، شوخلا ۋە پىيازنى گۆشنىڭ شەكىلدە توغرايمىز، سامساق بىلەن زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغرايمىز. گۆشكە جىئاڭيوئۇ ۋە كىراخمالنى سەلىپ ئارىلاشتۇرىمىز.

قورۇما چۆپ نى قورۇش جەريانى:
قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندىن كېيىن كاۋاۋىچىن سەلىپ قارىدىغىچە قىزدۇرۇپ قارىدىغان كاۋاۋىچىن سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز، گۆشنى سەلىپ قورۇپ ئاندىن پىيازنى ۋە زەنجىۋىلنى سەلىپ پىياز سارغايغىچە قورۇيمىز،ئاندىن بائى كائىنى سەلىپ چالا قورۇپ، خېمىرنى سەلىپ قورۇيمىز، ئاندىن شوخلا،كۆكمۇچ ۋە سامساقلارنى سەلىپ 2-3 مىنوت قورۇپ ئەلىشتىن بۇرۇن سىركى قۇيۇپ ئاندىن تەخسىلەرگە ئەلىپ ئىستىمال قىلىمىز

0 comments: