Showing posts with label Dish قورۇما. Show all posts
Showing posts with label Dish قورۇما. Show all posts

بېلىق دۈملىمىسى



بېلىق دۈملىمىسى (ئى)

[خۇرۇچى] 250 گىراملىق بېلىق بەش تال، پىششىق گۆش ئازراق، قوينىڭ چاۋا يېغى ئازراق، جاڭيۇ ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، شورپا بىر چۆمۈچ، سېرىق ھاراق بىر قوشۇق، ئاچچىقسۇ ئازراق، غولپىياز ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، زەنجىۋىل بىر تال.

[پىشۇرۇش ئۇسۇلى] 1. بېلىقنى ئادالىغاندىن كېيىن دۈمبىسىگە ئاي شەكلىدە چىشلىق گۈل چىقىرىلىدۇ؛ غولپىيازنى 4-5 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىنچىكە توغراپ، بىر قىسمىنى سوقىچاق بېلىق تەخسىسىگە قويۇپ، ئۈستىگە بېلىقنى تىزىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قالغان غولپىياز، ئىنچىكە توغرالغان پىششىق گۆشنى تىزىپ سېلىپ تەييارلايمىز.

2. قاچىغا 35 گىرام شورپا ئېلىپ، تېتىتقۇ، تۇز، سېرىق ھاراق، جاڭيۇ، ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ سېلىپ، تەخسىدىكى بېلىق بىلەن بىللە قاسقان؟غا قويۇپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەيمىز.

3. بېلىقنى قاسقاندىن ئېلىپ، تەخسىگە يىغىلغان سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، قاسقاندا بېلىق بىلەن بىللە دۈملىگەن شورپا بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] تەمى ياش، يېڭى، سۈيى سۈزۈك ھەم پۇراقلىق.

-----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

بېلىق دۈملىمىسى (ئىئى)

[خۇرۇچى] بىر كىلوگىراملىق بېلىق ئىككى تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، چاۋا ياغ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، جاڭيۇ 35 گىرام، سۇ يېغى 500 گىرام (خورايدىغىنى 70 گىرام)، غولپىياز ئىككى تال، زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق.

[پىشۇرۇش ئۇسۇلى] 1.بېلىقنىڭ قاسرىقىنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، بېلىقنىڭ دۈمبىسىگە دولقۇنسىمان سىزىق سىزىپ، جاڭيۇ بىلەن تۇزغا چىلاپ قويۇلىدۇ.

2. غولپىيازنى ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساق، زەنجىۋىل يالپاق توغرىلىدۇ.

3.قازان؟غا ياغ قۇيۇپ، سەككىز دەرىجە قىزىتىپ، چىلىغان بېلىقنى سېلىپ يېرىم پىشۇرۇپ ئالىمىز؛ قازاندا ئازلا ياغ قالدۇرۇپ، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان چاۋا ياغ، تېتىتقۇ شورپا، جاڭيۇ، تۇز سېلىپ، يېرىم پىشۇرۇلغان بېلىقنى سېلىپ قاينىتىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز.

بېلىق پىشقاندىن كېيىن ئۆرۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ شورپىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارقىراتما ياغ، ئاچچىقسۇ چېچىپ، بېلىقنى شورپىسى بىلەن چوڭقۇر تەخسىگە ئالىمىز.

[ئالاھىدىلىكى] سۈيى ئاچچىق-چۈچۈك، بېلىق ياش، يۇمران پىشىدۇ.

توخۇ گۆشى قوردىقى Chiken dish




توخۇ گۆشى قوردىقى 

 

[خۇرۇچى] توخۇ بىر دانە، دارچىن ئازراق، سۇ يېغى 250 گىرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، قۇرۇتۇلغان ئۇچلۇق قىزىلمۇچ بىر سىقىم، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، پىياز بىر باش، شېكەر مۇۋاپىق، سامساق بىر باش، جاڭيۇ ئازراق، زەنجىۋىل كىچىك بىر باش، تېتىتقۇ مۇۋاپىق مىقتاردا.

[ئېتىش ئۇسۇلى] 1.توخۇ گۆشىنى ئۆرۈكتەك چوڭلۇقتا، ياڭيۇ ھەم ئوخشاش چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ.

2.ساپلىققا (قازان؟غا) 75؟105 گىرام ياغ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق شېكەر سېلىپ، شېكەر رېڭى تەييارلاپ ئۇنىڭغا توغرالغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ تېز ئوتتا قورۇيمىز.

گۆش ئاساسەن پىشقاندا رەڭگى قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىزىلمۇچ، ياڭيۇ، توغرالغان پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، دارچىنلارنى سېلىپ قورۇپ، ياڭيۇ پىشقاندا جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، تەخسىگە ياكى لىگەن؟گە ئۇسىمىز.

3.لەغمەن خېمىرىنى بارماقتەك كەڭلىكتە سوزۇپ قايناقسۇدا پىشۇرۇپ، توخۇ قوردىقى بىلەن بىللە داستىخان؟غا كەلتۈرىمىز. ھەر كىم ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ. ئاق بەتتە (گاڭپەن)، ھورنان (موما) بىلەن ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.

[ئالاھىدىلىكى] رەڭگى قىزىل، پارقىراق، گۆشى يۇمشاق، تەمى ئاچچىقراق، يېيىشلىك.