پۆرە ئېتىش ئۇسۇلى (ئۈچ خىل)




تۇخۇم پۆرىسى



[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 105 گىرام، تۇخۇم ئالتە دانە، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، كۈدە (جۈسەي) بىر كىلوگىرام، پىششىق سۇ يېغى 70 گىرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، جاڭيۇ ئازراق.



[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. تۇخۇمنى چېقىپ ئازراق تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ياغلان؟غان قازان؟غا قۇيۇپ، تۆت دانە نېپىز تۇخۇم پوشكىلى ياساپ، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرالغان كۈدە ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋاۋىچىن، تۇز، جاڭيۇ، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم قىيمىسى تەييارلايمىز.



2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، چالا بولغاندا 35 گىرام خېمىردا ئۈچ زۇۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلىت ئېچىپ، قىيما سېلىپ قاتلاپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پورە ياسىلىدۇ.



3. تەييارلان؟غان پۆرىنى تاۋىغا ياكى قازان؟غا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، داستىخان؟غا كەلتۈرىمىز.



[ئالاھىدىلىكى] جىلتى چۈرۈك، ئىچى ياش، يېڭى، يېيىشلىك.



---------------------------------------------------------------------------------------------------------------------



گۆش پۆرىسى



[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام، ئەبجەش ياغ (ئېرىتىلگەن قوي يېغى0 70 گىرام، گوش بىر كىلوگىرام، تۇخۇم بىر دانە، سۇ 500 گىرام، پىياز 500 گىرام، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق.



[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆش، پىيازلارنى ئۇششاق توغراپ، سوققان زىرە، تۇز، قارىمۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.



2. ئۇن؟غا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، تۇخۇم پۆرىسىدەك تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. پۆرىنىڭ خېمىرى نېپىز بولۇشى، ئىچىدىكى قىيمىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىم.



3. پىشۇرۇلۇشى تۇخۇم پۆرىسىنى پىشۇرۇشقا ئوخشايدۇ.



[ئالاھىدىلىكى] جىلتى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق، شورپىلىق.



--------------------------------------------------------------------------------------------------------------------



ياغ پۆرە



[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگىرام، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگىرام (خورايدىغىنى 140 گىرام) گۆش بىر كىلوگىرام، تۇخۇم بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، پىياز 500 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقتاردا، زىرە ئازراق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق مىقتاردا.



[ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆش، پىيازلارنى ئۇششاق توغراپ، سوققان زىرە، تۇز، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.



2. ئۇن؟غا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، ئاي شەكىللىك پورە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.



3. قازان؟غا كۆپرەك ياغ قۇيۇپ تۈگۈلگەن پۆرىلەرنى ياغدا داغلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تاۋىغا ياكى قازان؟غا سېلىپ پىشۇرىمىز.

1 comments:

Unknown said...

http://uyghur-pen-center-forum.946963.n3.nabble.com/kim-uchun-ishleydu-td4025321.html
 
anglashlargha qarighanda seyit tumturukning amirka merkizi axbarat idarsning xadimliri bilen alaqisi bar iken.siyit tumturuk ependining diyishiche uning merkizi axbarat idarisning xadimlirigha turkiyediki turuk we uyghurlarning ehwalini melum qilip turishi hergizmu yilda ulardin 100-200ming dollar elish uchunla emes ,esli meqset  ularning qollishigha iriship kelguside dunya uyghur qurultiyining reysi bulash hemde dewa ishlirmizda merkizi axbarat idarisning yardimini qolgha kelturush iken.belkim merkizi axbarat idarisi seyit tumturuktin paydilinip mujahidlar toghrisda axparat igellishi mumkin.bu ishning aqiwiti tolimu xeterlik.seyit tumturukning turkiyede turup amirkini axbarat bilen teminleydighanliqini eger tukiye hokumiti bilip qalsa uhalda seyit tumturuk tolimu qiyin kun'ge qelishi mumkin.shunga ot bilen oynashmighan yaxshi.